- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كېررى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۈرىيە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېڭەشتى
2016.05.16 13:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 15-ماي سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سۇرىيە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا نۇقتىلىق كېڭەشتى.
كېررى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، ۋيېناغا يېتىپ بېرىپ، 17-ماي رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن بىرلىكتە 17 دۆلەت قاتناشقان سۇرىيە خەلقئارا قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانى سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى. سەئۇدى ئەرەبىستانى سۇرىيە مەسىلىسىدە سۇرىيە زۇڭتۇڭى ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى سايلام ئارقىلىق سۇرىيەدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار قاتناشقان مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر