- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سېپىرۇس تۈرك ۋە گىرىك مىللىتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى
2016.05.16 13:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سىپىرۇس زۇڭتۇڭى، گىرىك مىللىتىدىن بولغان رەھبەر ئاناستاشىجىس بىلەن يېڭىدىن سايلانغان سېپۇرۇستىكى تۈرۈك مىللىتىدىن بولغان رەھبەر ئاكىنزان بىرلىككە كەلتۈرۈش سۆھبەت مۇساپىسىنى قايتىدىن باشلىدى. سۆھبەت ئەسلىگە كەلگەنلىكىگە بىر يىل بولغان پەيتتە، ئىككى رەھبەر سېپۇرۇسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئورگىنى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە يەنىلا قىيىنچىلىق ۋە ئىختىلاپ بولغان بولسىمۇ، بىراق بىزئىرادىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى ئىپادىلەپ، ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى بىر تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىمىز. ئۇلار مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلىشىم ئىككى تەرەپكە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى بولۇپ، سېپۇرۇستىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر