- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندىستان 15 يىللىق تەرەققىيات كەلگۈسى پىلانىنى بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى
2016.05.16 13:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يېقىندا مۇنداق دېدى: ھىندىستان 2017-يىلدىن باشلاپ 15 يىللىق تەرەققىيات كەلگۈسى پىلانىنى يولغا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەش يىللىق پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىكار قىلىدۇ.
بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: 2016-يىلى ھىندىستاننىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى، ھىندىستاننىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشغا يېتەكچىلىك قىلىش ئورنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، 2017-يىلدىن باشلاپ ھىندىستان دۆلەتنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئويلىشىشىنى پىلانلاشقا باشلايدۇ.
بۇ ئەمەلدار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئالاقىدار پىلانغا ئاساسەن، ھىندىستان باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشانىنى بېكىتىدۇ، 15 يىللىق كەلگۈسى پىلانى يەنە بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلايدۇ، كەلگۈسى پىلان 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت يەنە يەتتە يىللىق دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر