باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى: دۇنيا بويىچە %80تىن ئارتۇق شەھەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتى

2016.05.13 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 12-ماي يېڭىلىغان شەھەر ھاۋاسى سۈپىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى 103 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن بولۇپ، 3000دىن ئارتۇق شەھەر ئىچىدە %80تىن ئارتۇق شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىكى دانچىسىمان ماددىلار (PM10) ۋە كىچىك دانچىسىمان ماددىلار (PM2.5) بىلەن بۇلغىنىش سەۋىيەسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكلىپ بەرگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، جۇڭگو شەھەرلىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن.

  دانچىسىمان ماددىلار (PM10) ۋە كىچىك دانچىسىمان ماددىلار (PM2.5)نىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى سۇلفات كىسلاتا تۇزلىرى، ئازوت كىسلاتاسى ۋە قارا كۆمۈر قاتارلىق بۇلغىغۇچى ماددىلار بار ئىكەن، بۇ ماددىلار كىشىلەرنىڭ ئۆپكىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا كىرىپ سەكتە، يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى ۋە زىققا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە كۆپلىگەن شەھەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش سۈپىتىنى ئۆلچەشنى باشلىشىغا ئەگىشىپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن بىر ھەسسە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر