باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى تېررورلۇق نەزەرىيەسىنى تارقاتقۇچىلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.05.13 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىيۇ جېيى 11-ماي مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت تېررورچى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق ئىدېئولوگىيەسى ۋە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشىغا كۈچلۈك زەربە بېرىشى كېرەك.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى، تېررورلۇق سەپسەتىسى ۋە ئىدېئولوگىيەسىگە قايتۇرما زەربە بېرىش توغرىسىدا ئاشكارا مۇنازىرە ئۆتكۈزدى. لىيۇ جىيى سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تېررورچى ئەسەبىي كۈچلەر ئىنتېرنېت تورى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تارتقۇلىرى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، دىنى ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، تېررورلۇق ئىدېئولوگىيەسى بىلەن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆچمەنلىكنى قوزغاش، كەمسىتىش، زوراۋانلىق قاتارلىق ئەسەبىيلىك نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلماقتا. بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى قىسمەن كىشىلەر بولۇپمۇ ياشلار تېررورلۇق ئىدېئولوگىيەسى بىلەن ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىماقتا ياكى تېررورچى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئېغىر زىيانلارنى پەيدا قىلىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى بىر گەۋدىلىك يۈزلىنىشكە ئايلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر