باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسىنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.05.13 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 11-ماي چۈشتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش دېلوسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى، ئارقىدىن 1- قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئاۋاز بېرىشنى باشلايدۇ.

  بۇ قېتىم كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاۋاز بېرىش نەخ مەيدانى بىر قەدەر تىنچ بولدى. ئەيىبلەشنى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ روسېفنىڭ تۈزەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كرىزىسكە كېرىپ قالدى، ھەمدە ئەمەل سودىسى جىنايىتى يۇز بەردى. قارشى تۇرغۇچىلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: زۇڭتۇڭ روسىفنىڭ جىنايىتى يوق، بۇ قېتىمقى ئەيىبلەشنىڭ ئىسپاتى كەمچىل بولۇپ، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن باشقا بەرسە ئەمەس.

  بۇ قېتىملىق كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق بولۇپ، ئەگەر كۆپ سانلىقلارنىڭ قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشىپ ماقۇللىنىدىغان بولسا، بۇ روسىفنى ئەيىبلەش تەرتىپى كېڭەش پالاتاسىدا رەسمىي باشلىنىدۇ، روسىف ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 180 كۈن ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرى توختىلىپ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تېمىر زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقتىنچە ئۆتەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر