- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
موسكۋا شەھىرى مەركىزىدىكى كىنوخانىغا ئوت كەتتى
2016.05.13 14:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە NTV تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موسكۋا شەھىرى مەركىزىدىكى بىر كىنوخانىغا 10-ماي كېچىدە ئوت كەتكەن.
ئالاقىدار تارماقلار 10-ماي سائەت 21دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە ئوت سىگنالى تاپشۇرۇۋالغان، موسكۋا شەھىرى مەركىزىدىكى ۋاسلىيېۋ كوچىسىدىكى بىر كىنوخانىغا ئوت كەتكەن. كىنوخانىنىڭ 3-قەۋىتىگە ئوت كەتكەندىن كېيىن، تېزلىكتە يۇقىرى قەۋەتكە يامرىغان، ئوت كېتىش كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. سائەت 22 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان. دەسلەپكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى توك يولىنىڭ ماس بولۇپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. ھازىرغىچە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر