- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى ماقۇللىدى
2016.05.12 13:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمي يىغىنى 11- ماي ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىشىنى ھەمدە ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
شۇ كۈنى ماقۇللانغان يېڭى بەلگىلەردە ئاساسلىقى يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايى ئىشلار ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشىگە موھتاج بولغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش؛ ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە تېررورلۇق تەشۋىقاتىنى ئىلىپ بارغانلىقىنى بايقىغاندا، تور سودىگىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ئالاقىدار تور بېتىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارالمىدا، ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن ياۋروپا كېڭىشى قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئۇچ يىل سۆھبەت ئىلىپ باردى، مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، پۇقرالارنىڭ شەخسى ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە قانداق كاپالەتلىك قىلىش بولدى. پارىژ بىلەن بىريۇسسېل تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ياۋروپا پارلامېنتى بېسىم بىلەن ، بۇ قارالمىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئاۋازغا قويۇشنى تېزلىتىشكە مەجبۇر بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر