باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى مەجبۇرى ماقۇللىشىنى قوللىدى

2016.05.12 13:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 11-ماي كابىنېت يىغىنىدا، ۋاللىس ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى مەجبۇر ماقۇللىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھوللاندى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمگەك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ مەقسىتى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خوجايىنلارنى تېگىشلىك جانلاندۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللىس 10-ماي ئەمگەك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى مەجبۇر ماقۇللايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، ئوڭ قانات ئۆكتچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسى بىلەن ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەر گۇرۇھ پارتىيەسى بولغان مۇستەقىل دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزالىرى ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك لايىھەسىنى سۇنغان، پارلامېنت 12-ماي بۇ ئىشەنمەسلىك لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەمگەك قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، خوجايىنلارغا ئىشچى ئىشلىتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى بېرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ سېمىنە ھەققىنى جانلىق بېكىتىش ۋە خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق فىرانسىيەنىڭ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئەمگەك كۈچى بازىرىنى جانلاندۇرماقچى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر