- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە زۇڭتۇڭى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى
2016.05.12 13:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 11-ماي، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش مەسىلىسىدە، خەلقئارا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى دېدى.
ئەردوغان مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، سۇرىيە بىلەن ئىراق تەۋەسىدە تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوراللىق خادىملىرىدىن 3 مىڭ كىشىنى ئېتىپ تاشلىدى، بىراق بىر قىسىم دۆلەتلەر، تۈركىيە بۇ تەشكىلاتنى قوللىدى دېمەكتە، بۇنداق سۆزلەر ئادىل ئەمەس، ھەمدە قىلچىمۇ ئاساسى يوق. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى تۈركىيەدە ئۆلتۈرگەن ۋە يارىلاندۇرغان ئادەم باشقا دۆلەتلەردىكىدىن كۆپ.
ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيە، غەربتىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۆپلەپ قۇرال ساقلىشىغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر