باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باغداتتا ئاپتوموبىل بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قازا قىلغانلارنىڭ سانى 64 كىشىگە يەتتى

2016.05.12 13:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: پايتەخت باغدادتا 11-ماي ئاپتوموبىللىق بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 64 كىشى قازا قىلدى، 87 كىشى يارىلاندى، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى پايدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىسلام دۆلىتى يېقىندا باغداد ۋە ئىراقنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە كۆپ قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، بۇ تەشكىلات نۆۋەتتە ئىراقنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسىمدىكى كۆپلىگەن زېمىننى ئىگىلەپ تۇرماقتا، ھەمدە كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلماقتا. ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ ئاخىرى 2- چوڭ شەھەر موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئىسلام دۆلىتى ئارقىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆچ ئىلىش ھەرىكىتىنى قوللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر