- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لۇ كاڭ ئوبامانىڭ ياپونىيەنىڭ خىروشىمادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
2016.05.12 13:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ياپونىيەنىڭ خىروشىمادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشاي دېگەندە ئامېرىكا خىرۇشىما ۋە ناگاساكىغا ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلاپ، ياپون مىلىتارىزمىنىڭ جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش خام خىيالىنى تەلتۆكۈس بېتچىت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ياپونىيەدىكى بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ يادرو زەربىسىدە ئۇچرىغان ئازابى ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن مۇھىم سىگنالى شۈكى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئۇرۇش تىراگېدىيەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن ئورنىتىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ھەقىقىي قوغداش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر