باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە كۇبا بىلەن ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.05.11 13:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەيىن مېيىر تۈنۈگۈن بېرلىندا زىيارەتكە بارغان كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگوس بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىتەيىن مېيىر سۆھبەتتىن كېيىنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەن گېرمانىيە بىلەن كۇبانىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرغۇن يىل توختاپ قالغاندىن كېيىن يېڭىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىدىن خۇشال بولدۇم. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر يۈرۈش ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سىتەيىن مېيىر مۇنداق دېدى: سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە، گېرمانىيە كۇباغا بەك قىزىقىدۇ، كۇبانىڭ ئېچىۋېتىش يولىدا كۇبانى قوللاشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر