باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: سۇرىيە مەسىلىسى تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن باشلاشنى ئۈمىد قىلىمەن

2016.05.11 13:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېرو 9-ماي پارىژدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز سۇرىيە مەسىلىسى تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن باشلاش كېرەك دەپ قارايمىز ھەم ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ساقلىشىغا كونكرېت كاپالەتلىك قىلىپ، سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلىمىز.

  ئېرو شۇ كۈنى پارىژدا سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆپ دۆلەت مىنىستىرلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىنغا فىرانسىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى مۇغرىنى ھەمدە ئىيوردانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. فىرانسىيە تاراتقۇسى: شۇ كۈنى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى دېدى.

  ئېرو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېلەر ھەپتە ۋېنادا سۇرىيەنى خەلقئارالىق قوللاش گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى ئېچىلىدۇ، 17دۆلەتنىڭ ۋەكىلى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر