باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭى «نېفىت غوجىدارى» بايانات ئېلان قىلىپ، نېفىت چوڭ دۆلىتىلىك ئورنىنى قوغداشقا قەسەم قىلدى

2016.05.10 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان «نېفىت غوجىدارى» خالىد فالىخ 8-ماي بىر باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نۆۋەتتىكى «مۇقىم» بولغان نېفىت سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «بۇنىڭدىن باشقا، بىز داۋاملىق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدا جارى قىلدۇرىدىغان رولىنى قوغداشقا تىرىشىمىز ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئېنېرگىيە تەمىنلىگۈچى دۆلەتلىك ئورنىمىزنى كۈچەيتىمىز»، دېدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكى نېفىت كەسپىدىن كېلىدۇ. خەلقئارا نېفىت باھاسى 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيان %60تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بېن ئابدۇل ئەزىز 7-ماي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، زور كۆلەمدە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ۋە خادىم تەيىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت ۋە كان بايلىقى مىنىستىرلىقىنى ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان بايلىقى مىنىستىرلىقىغا ئۆزگەرتىپ، خالىد فالىخ ئەلى نايىمنىڭ ئورنىغا چىقىپ، بۇ تارماقنىڭ ۋەزىرى بولدى. بۇ، «سەئۇدى 2030 كېلەچىكى» ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يول ئېچىش، دەپ قارالدى. فالىخ: بۇ بىر تۈرلۈك زور ئىسلاھات «سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ» ھەم ئېنېرگىيەنى باشقا بايلىقلار بىلەن بىرىكتۈرۈپ، سەئۇدى ئىقتىسادىنى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر