باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ۋەزىرى نېفىت سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.05.10 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن نېفىت ۋەزىرى فالىخ 8-ماي مۇنداق دېدى؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.

  فالىخ بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى كۈچەيتىدۇ.

  7-ماي، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان فالىخنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت سىياسىتىنى 20 نەچچە يىل ئىگىلەپ تۇرغان نائىمنىڭ ئورنىغا ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان مەھسۇلاتلىرى ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدى. فالىخ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت شىركىتى بولغان ئەرەب ئامېرىكا نېفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە لىدىرى بولغان.

  فالىخ باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىقىنى تەشكىللەشتىن مەقسەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە بۇرۇلۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ دۆلەت ئىچكى ۋە خەلقئارا بازارنىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر