باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا «دۇنيا تاكتىكا ئۇچۇرى» ژورنىلى ئامېرىكىنى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى «توپچى پاراخوت سىياسىتى» نى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەش توغرىسىدا خەۋەر بەردى

2016.05.09 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «دۇنيا تاكتىكا ئۇچۇرى» ژورنىلىنىڭ 6-ماي نەشىر قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانىدا ۋاشىنگتون شۆبە ئاگنېتلىقىنىڭ باشلىقى ۋىليام جونېسنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە كۈچەپ قىستۇرىلىۋېلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش سىياسىتى ھازىرقى «توپچى پاراخوت سىياسىتى» بولۇپ، باشقىچە يول تۇتماقچى.

  «تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇرۇش مۇقەددىمىسى» تېمىسىدىكى بۇ ئوبزور ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئامېرىكا ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن «ب د ت نىڭ دېڭىز-ئوكيان قانۇن ئەھدىنامىسى» دىكى شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتكە ئايلىنىشنى رەت قىلىپ، يەنە يەككە «قاتناش ئەركىنلىكى» تاكتىكىسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ ۋە تەرغىب قىلىپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنى باشقا دۆلەتلەردە خالىغانچە ھەيۋە قىلدۇردى. بۇ ئەمەلىيەتتە «توپچى پاراخوت تاكتىكىسى» نى يولغا قويغانلىق. بۇ خىل سىياسەت يادرو چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە توقۇنۇشى، ھەتتا ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: غەرب تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ نەنشا ۋە شىشا تاقىم ئاراللىرىغا قاراتقان توغرا ئىگىلىك ھوقۇقىنى «قورال كۈچىنى كېڭەيتكەنلىك» دەپ قارىدى، بۇ، تارىخنى يوققا چىقارغانلىق. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ بۇ ئاراللارغا قاراتقان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسى تارىختىكى مۇتلەق كۆپ مەزگىلدە ئەزەلدىن گۇمانغا ئۇچرىمىغان. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خادا تېشى قۇرۇلۇشى رايونلار قاتنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى، مەسىلەن: نەنشا تاقىم ئارىلى خۇاياڭ خادا تېشى قۇرۇلۇشى مايىكى ۋە بىر قىسىم جىددىي ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى بىردەك رايون قاتناش ئەركىنلىكىگە پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر