- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو سۇ ئېلېكتىر ئارقىلىق كېنىيەنىڭ ئېتىز ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى
2016.05.09 13:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شەرقىي ئافرىقىدىكى كېنىيە دۇنيادا سۇ ئەڭ كەمچىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، يامغۇر پەسلى پەرقىنىڭ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېتىز ئېرىق شۇ ئىنشائاتى ئۇل ئەسلىھەسى قالاق بولۇپ، بىر قىسىم رايونلارنىڭ سۇغۇرۇش ۋە ئىچىملىك سۈيى كەمچىل. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بۇ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ۋىكتورىيە كولىدىكى خۇماباي ۋىلايتى، جۇڭگو يېتەكچىلىك قىلغان سۇ ئىنشائاتى سۇغۇرۇش تۈرى بولۇپ، قۇرغاقچىلىق پەسلىدىمۇ دەريا سۈيى ئۈزۈلمەستىن ئېتىز ئىراقلارغا ۋە دېھقان ئائىلىسىگە باشلىنىپ، شۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى.
بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ئوكۇندى مېيىپ بولۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ئىدى، قىسقىغىنە ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇ سۇ ئىنشائاتى سۇغۇرۇش تۈرى ئىلىپ كەلگەن سۇ مەنبەسى ئارقىلىق ئىلگىرىكى نامرات تۇرمۇشىنى تەل توكۇس ئۆزگەرتتى. ئۇ بۇ تۈردىن پايدىلىنىپ بېلىق بېقىش كۆلچىكىدىن ئىككىنى قازدى ، يەنە كۆپلەپ مېۋە كۆچەتلىرىنى تىكتى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگولۇقلار بۇ يەردە بىر چوڭ ئىش قىلدى. مەن ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سۇ ئىنشائاتى تۈرى ئىلىپ كەلگەن سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تېزدىن بېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر