باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فۇمىئو كىشىدانىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش تەشەببۇسى بىرەر كىشىنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشمىدى

2016.05.09 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ماي كەچتە خەۋەر قىلىشىچە: ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا 6-ماي جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا تۆت دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان، بىراق، بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش بولماسلىقىنى ھازىرغىچە بىلگىلى بولمايدىكەن.

  كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: فۇمىئو كىشىدا بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە بولۇپمۇ لائوسقا ئەھمىيەت بەرگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى لائوس بىلەن ۋىيېتنام باشلىقلىرىنى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ياپونىيە تاراتقۇلىرى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، باشلىقلار يىغىنى بىلەن كېڭەيتىلگەن يىغىندا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئاساسلىق تېما قىلىش ئۈچۈن يول ئېچىشتىن ئىبارەت دېگەن.

  ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارتا، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەردە، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئاساسى جەھەتتىن تىلغا ئالماي ياپونىيەنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ئىش قىلدى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر