- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يېقىن بولغان رايوندا سەككىز ساقچى ئېتىپ تاشلاندى
2016.05.09 13:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-ماي بايانات ئېلان قىلىپ م ۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە يېقىن بولغان رايوندا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سەككىز ساقچى قازا قىلدى.
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى باياناتتا مۇنداق دېدى: تۆت بۇلاڭچى قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى خۇلۋانغا يېقىن جايدا بىر ساقچى ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلدى، ئاپتوموبىلدا خۇلۋان شەھىرىدىكى پۇقراچە ياسىنىۋالغان ساقچىلار بولۇپ، سەككىز ساقچى ئېتىپ تاشلاندى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئىزدەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.
2013-يىلى 7-ئايدا، مىسىر ئارمىيەسى زۇڭتۇڭ مورسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندىن كىيىن، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار سىناي يېرىم ئارىلىنى ئاساسلىق بازا قىلىپ، ئارمىيە ۋە ساقچىلارغا قارىتىلىغان ھۇجۇمنى كۆپەيتىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە يۈز كىشىنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر