باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ 13 ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى سۈرىيەدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلدى

2016.05.09 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسىمىنىڭ 13 ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى يېقىندا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ شەھىرىدىكى قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغان. توقۇنۇشتا يەنە ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسىمىنىڭ 21 ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى يارىلانغان.

  ئىران سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشىنى ئىزچىل تۈردە ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىلىرى بىلەن قوللاپ كەلمەكتە. ئىران ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم، مۇشۇنداق قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، بىراق سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق قىسىمىنى ئەۋەتىش پىلانى يوقلىغىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر