- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا خىمىيەۋى قوراللار تېررورچىلىقى كۈچەيدى
2016.05.09 13:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا 6-ماي مۇنداق دېدى: ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈرىيە بىلەن ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىمىيەۋى قوراللارنى ئىشلىتىدىغان تېررورچى كۈچلەرمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈچەيدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىمىيەۋى قوراللارنى مەنئىي قىلىش تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئەخمەت يۈزۈم بۇ مەسىلىدىن ئوخشاشلا ئەندىشە قىلدى، ھەمدە ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى خىمىيەۋى قوراللارنى ياساش تېخنىكىسى ۋە بىلىمىگە، ھەمدە خىمىيەۋى قوراللارنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان خام ئەشيالارغا ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى.
زاخاروۋا مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ خىمىيەۋى قوراللارنى ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى خەۋپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيتىنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر