باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قاتناش ۋەقەسىدە 73 كىشى قازا قىلدى

2016.05.09 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى غەزنى ئۆلكىسىدە 8-ماي سەھەردە بىر قېتىملىق ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى، ۋەقەدە 73 كىشى قازا قىلدى.

  ئافغانىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمىر قاۋۇش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلگەنلەر سانى 73كە يەتكەن، يەنە 13 يارىدار قەنداھار ئۆلكىسىگە ئاپىرىلىپ داۋالانماقتا، نۇرغۇن يارىدارنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، قازا قىلغانلار سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن.

  غەزنى ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ مەسئۇلى ئامىنۇللا مۇنداق دېدى: شۇ يەر ۋاقتى 8-ماي سائەت ئالتە يېرىم ئەتراپىدا ئىككى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس ۋە بىر ماي توشۇش ماشىنىسى پايتەخت كابۇلدىن قەنداھار ئۆلكىسىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ غەزنى ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى يول بۆلىكىدە سوقۇلۇپ كېتىپ، ئۈچ ماشىنىغا ئوت كېتىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان، شۇ چاغدا ئىككى چوڭ ئاپتوبۇستا 120 يولۇچى بار ئىكەن.

  يول ئەھۋالى ۋە ماشىنا ئەھۋالى ناچار بولۇش، شوپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى قاتناش قائىدىسى بويىچە بولماسلىق، نورمىدىن ئاشۇرۇپ توشۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، ئافغانىستاندا ھەر يىلى نۇرغۇن كىشى ھەرخىل قاتناش ھادىسىلىرىدە قازا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر