باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرمىنىڭ شەرقىي قىسىم چېگرا رايونىدا پارتلاش يۈز بېرىپ،50 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى

2016.05.09 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېرمىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى 7-ماي خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بېرمىنىڭ سان رايونىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى چېگرا بازىرى بولغان مىڭراغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان، جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا يېقىن بولغان بىر قورال ياراق ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىسكىلاتتىكى ئىككى كىشى نەق مەيداندا قازا قىلدى، ئۇندىن باشقا 50 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى. پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ ئەتراپىغا ئوق پارچىلىرى ۋە ئىمارەتلەرنىڭ تاش پارچىلىرى چېچىلىپ كەتكەن.

  سان رايونلۇق 4-ئالاھىدە رايون دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى يۈز بەرگەن تاسادىپىي پارتلاش مەزكۇر رايوندىكى كان رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پارتلىتىش بۇيۇمى ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلىتىش بۇيۇملىرى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئىسسىشى ۋە باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، پۇقرالار ۋە سودىگەرلەر خاتىرجەم ھالدا نورمال تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرسا ۋە خىزمەت قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر