- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھوللاندى: نۆۋەتتە ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەركىن سودا سۆھبىتى ئەمەلگە ئاشمىدى
2016.05.05 16:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 3-ماي پارىژدا فىرانسىيە سول قانات پارتىيەسى بولغان سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ئاقىللار ئامبىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنبەرگە قاتناشقاندا، نۆۋەتتە ئىلىپ بېرىلىۋاتقان ياۋروپا ئامېرىكا ئەركىن سودا سۆھبىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى.
ھوللاندى مۇنداق دېدى: فىرانسىيە، قائىدىلىك بولمىغان ئەركىن سودىنى قوللىمايدۇ، ھەمدە دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەمدە ئىككى تەرەپ بازىرىغا كېرىش پىرىنسىپىنى چىرماپ تۇرغان كېلىشىمنى مەڭگۈ قوللىمايدۇ.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە، فىرانسىيەنىڭ تاشقى سودا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىمۇ فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىغا قارتا، ياۋروپا ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنى توختىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئامېرىكا ئەركىن سودا سۆھبىتى كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشنى يوققا چىقارمايدۇ دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر