خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ماي چۈشتىن كېيىن ئىراق پايتەختى باغدادتنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا، ئاز دېگەندە 16 ئادەم قازا قىلىپ، 43 ئادەم يارىلانغان.
ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارتلاش ۋەقەسى باغدادتنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى شەھەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا نۇرغۇن شىئە مەزھىپى ئېتىقادچىلىرى شىمالى قىسىم كادمىيە رايونىدىكى بىر مەسچىتكە ناماز ئوقۇشقا ماڭغان ئىكەن، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كىشىلەرگە يېقىن كەلگەندە پارتلاتقان. ساقچى تەرەپ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى تەشكىللىگەنلىكىدىن گۇمانلاندى.
بۇ، باغدادتتا بىر ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن شىئە مەزھىپىدىكى ناماز ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەسى. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››قوراللىقلىرى يېقىندىن بۇيان ئىراقتا كۆپ قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى