باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زۇما: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ھەرگىز يولغا قويمايمىز

2016.05.03 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما 1-ماي يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بەزىلەرنىڭ زورلۇق ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك، دېگەن تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ: ھەر قانداق پارتىيە ۋە شەخسنىڭ زوراۋانلىققا قۇترىتىشىغا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يولغا قويمايمىز، دېدى.

  زۇما پىروتېرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر بەزى كۈچلەر جەنۇبىي ئافرىقىدا زوراۋانلىققا قۇترۇتۇشقا، ھۆكۈمەتسىزلىكنى يولغا قويۇشقا، جەمئىيەتتە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشقا ئورۇنماقتا، جەنۇبىي ئافرىقا خەلقى بۇنىڭدىن ھۇشيار بولۇشى كېرەك.

  زۇما جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنى زوراۋانلىق ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك دەپ جار سېلىۋاتقان پارتىيىلەرنى يىتىم قالدۇرۇپ، بۇ پارتىيىلەرنى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە ئېتىقاد قىلىدىغان جەنۇبىي ئافرىقىدا بازارسىز قالدۇرۇشقا چاقىردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر