- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
روسېف: ھۆكۈمەت نامراتلار قاتلىمىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ
2016.05.03 14:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
برازىلىيە زۇڭتۇڭى روسېف 1-ماي: ھۆكۈمەت ئائىلە تولۇقلىما پۇل پىلانى تولۇقلىمىسىنى توققۇس پىرسەنتكە ئۆستۈرۈپ، برازىلىيەدىكى نامراتلار قاتلىمىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ دەپ جاكارلىدى.
روسېف سان پاۋلودا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا بۇ قارارنى جاكارلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر يۈرۈش پاراۋانلىق تەڭشەش تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى، بۇ كېلەر يىلىدىن ئېتىبارەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى بەش پىرسەنت ئۆستۈرۈش، تۆۋەن كىرىملىكلەرگە يېڭىدىن 25مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سېلىپ بېرىش ھەمدە ئەر مەمۇرلار بەھرىمان بولىدىغان تۇغۇت دەم ئېلىشىنى 20 كۈن ئۇزارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تېمېرنى قوللايدىغان بىر قانچە پارلامېنت ئەزاسى شۇ كۈنى: روسېفنىڭ بۇ تەڭشەش تەدبىرلىرىنى جاكارلىشى ناھايىتى سەزگۈر ۋاقىتقا توغرا كەلدى، بۇ كەلگۈسى ھۆكۈمەتكە قىيىنچىلىق تۇغدىرىدۇ دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر