باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزو ياۋروپاغا قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى

2016.05.03 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 1-ماي، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان توكيونىڭ خانىدا ئايرودرومىدىن يولغا چىقىپ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئېسىشىما باشلىقلار يىغىنى 26-27-ماي ياپونىيەنىڭ تورىپۇرۇ ئۆلكىسىدە ئېچىلىدۇ، ئابې شىنزونىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇل سېلىش.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ئابې شىنزو بۇ قېتىم ئىتالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيەدىن ئىبارەت يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئەللىرى ھەمدە بىلگيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن، ئىقتىسادى تېمىدىن سىرت ھەر قايسى ئەللەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

  ئابې شىنزو بۇ قېتىم يەنە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن، 6-ماي سۇچىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تالاش تارتىش بولىۋاتقان زېمىن مەسىلىسى ھەمدە تىنچلىق شەرتنامىسى كېلىشىمى سۆھبىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر