باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېرلىف جۇڭگونىڭ تۆتىنچى تۈركۈم لېبىرىيەدە تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلاش ساقچى زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قىسمى بىلەن كۆرۈشتى

2016.05.03 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لېبىرىيە زۇڭتۇڭى سېرلىف 30-ئاپرېل پايتەخت مۇنرىۋىيىدە جۇڭگونىڭ تۆتىنچى تۈركۈم لېبىرىيەدە تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلاش ساقچى زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قىسمى بىلەن كۆرۈشۈپ: زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قىسمى لېبىرىيەنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى دەپ ماختىدى.

  سېرلىف كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ساقچى زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قىسمىنىڭ قاتتىق ئىنتىزامى، كەسىپچان روھى، كەسپىي ئىپادىسى لېبرىيە خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ بىر ناھايىتى ئەلا، كۆزگە كۆرۈنگەن تىنچلىق ساقلاش قىسمى. جۇڭگونىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ساقچى زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قىسمىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، لېبىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ھەمدە جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، لېبىرىيەنىڭ ھەربىي ۋە ساقچى سىستېمىسىنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر