- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى
2016.05.03 14:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە قوراللىق قىسىمىنىڭ باش شتاب بۆلۈمى 30-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۆتكەن ئىككى كۈندە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ ئىراقنىڭ شىمالى ۋە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرى 30-ئاپرېل راكىتامىيوت ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھەربىي ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، ئىككى ساقچىنى يارىلاندۇرغان.
يېقىندا، تۈركىيە تەۋەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيدى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارقىدىن كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتتى، ھەمدە ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلار بىلەن چېتىشلىقى بولغان كۆپلىگەن خادىملارنى قولغا ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرانى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر