- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە تور بوشلۇقى تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى مۇنبىرى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى
2016.04.29 15:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە تور بوشلۇقى تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى 27-ئاپرېل موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ساۋگېلېف مۇنبەرگە قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.
«جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى» بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى. مۇنبەردە ئۈچ شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغان، تور بىخەتەرلىكى، شەخسى سىر، تور جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن قارالما بولۇپ، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، سىياسەت تەتقىقاتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو-رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، كارخانا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملىرىدىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر