باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانادالىق تۇتقۇن فىلىپپىندا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

2016.04.27 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادالىق ساياھەتچى جون رىتىسدېر فىلىپپىندىكى تېررورلۇق تەشكىلات ئابۇ سايېف تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. كانادا زۇڭلىسى تېرۇدو بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىدى، بۇنىڭ «قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كانادا ھۆكۈمىتى ۋە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  جون رىتىسدېر بۇ يىل 68 ياشتا بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئايدا فىلىپپىننىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى بىر كىچىك ئارالدىكى رېستوراندا باشقا بىر كانادالىق، نورۋېگىيەلىك ۋە فىلىپپىنلىق كىشىلەر بىلەن بىللە تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. يېقىندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىر كۆرۈنمە چاستوتىدا، كانادا ھۆكۈمىتىگە رىتىسدېر ۋە باشقا بىر كانادالىق روبېرت خالنى پۇلغا ئالماشتۇرۇدىغانلىقىنى، 25-ئاپرېلدىن بۇرۇن پۇلنى بەرمىسە، بۇ تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر