باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە قوللىدى

2016.02.24 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ھەر قايسى ساھەلەر نەزىرىنى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتىۋاتقان پەيتتە، ئەنگلىيە يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ئىقتىسادىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىقى سودا ۋەزىرى جىم ئونىر بىلەن ئەنگلىيەنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق لىدرى ئەندىرو كارئىن يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى يەنىلا ئىلگىرىكى مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولماقتا، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو بازىرىغا يەنىلا تولۇق ئىشەنچىدە بولماقتا. ئونىر جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يولۇقىدىغان خىرىسلار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشدىكى تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئىسلاھاتتا تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم، ھەر قايسى ئىقتىسادى تارماقلارنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشى جۇڭگو ئىقتىسادىغا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر