- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بان كېمون سۇرىيەنىڭ دەمەشق بىلەن ھوموزدا يۈز بەرگەن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
2016.02.24 13:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 22- فېۋرال باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق بىلەن ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھىرى ھومۇزدا 21- فېۋرال يۈز بەرگەن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دەمەشق بىلەن ھومۇزدا 21- فېۋرال زەنجىرسىمان پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇم قىلىشتا 155 كىشى قازا قىلغان، نەچچە يۇز كىشى يارىلانغان. بان كېمون بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقرالارغا قارىتىلغان پاجىئەلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر