باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىندىن رازۋېدكا قىلىشى- جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب

2016.02.23 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، دەپ ئەيىبلەشلىرى ئۈستىدە سۆھبەت بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىندىن رازۋېدكا قىلىشى- جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب. شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا خۇا چۈنيىڭ بىر مۇخبىرنىڭ: «يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر جۇڭگو يۇڭشىڭ ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما بىزمۇ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا بەزى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئەركىن قاتناش ھەرىكىتى»دىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھەق بىلەن ناھەق مەسىلىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىكىنى، مەزكۇر رايونغا يەنە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئامېرىكىنى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر