- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسپانىيە خەلق قوغدىنىش ئەترىتى «كەڭ كۆلەمدىكى پۇل يۇيۇش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق» دېگەن سەۋەب بىلەن جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى مادرىد شۆبىسىنى ئاختۇردى
2016.02.22 08:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لى تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى مادرىد شۆبە بانكىسىنى ئىسپانىيە خەلق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئاختۇرۇش ئىشىنى قانۇن بويىچە، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خەۋەرگە قارىغاندا، 17-فېۋرال ئىسپانىيە خەلق قوغدىنىش ئەترىتى «كەڭ كۆلەمدىكى پۇل يۇيۇش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق» دېگەن سەۋەب بىلەن جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى مادرىد شۆبىسىنى ئاختۇرغان ھەمدە نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغان. خۇڭ لىي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو شۇنداقلا تىجارەت قىلىۋاتقان جايدىكى دۆلەت ياكى رايوننىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، ئىسپانىيەدىكى جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى، جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر