- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسىمدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار سۆزلىشىشكە شەرتسىز قاتناشسا بولىدۇ دەپ جاكارلىدى
2016.02.18 13:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئالىم 16-فېۋرال پايتەخت دەمەشقتە مۇنداق دېگەن، سۇرىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ سۆزلىشىشكە قاتنىشىشىغا ئالدىن شەرت قويماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ. مۇئالىم شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمۇستىرا بىلەن كۆرۈشكەندە يۇقىرىقىلارنى. مۇئالىم يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجلىق ئادەملەرنى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىشى مەسئۇلىيەتنى چىقىش قىلغان، سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى جەنۋە سۆھبىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇ غەرب دۆلەتلىرى سۇرىيەنى ئۆز ئالدىغا جازالاپ سۇرىيە خەلقىنىڭ ئازابىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى دەپ ئەيىبلىدى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇرىيەگە قاراتقان جازانى بىكار قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر