- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۈي تيەنكەي: جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى دۇنياغا پايدىلىق
2016.02.18 13:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي 16-فېۋرال «ۋال كوچىسى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ: 2016-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولمىدى، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك، دەپ كۆرسەتتى.
سۈي تيەنكەي مۇنداق دېدى: دۇنيادا بازارنىڭ داۋالغۇشىنىڭ ئارقىسىدىكى پاكىتنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. بىرىنچىدىن، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا بىر قەدەر تېز ئاشماقتا، جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك. ئىككىنچىدىن، بەزى كىشىلەر جۇڭگودا پاي چېكى بازىرىنىڭ داۋالغۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن بۇيان جۇڭگودا پاي چېكى بازىرىدا داۋالغۇش بولدى، ئەمما جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزمىدى. جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، بىزنىڭ پاي چېكى بازىرىمىزنىڭ يۆنىلىشى ئەمەلىي ئىقتىساد ياكى شىركەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ئۈچىنچى، جۇڭگونىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارغا بولغان ئېھتىياجى يەنىلا كۈچلۈك. تۆتىنچى، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات جۇڭگو ئىقتىسادىنى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ.
سۈي تيەنكەي مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ئېشىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدۇ.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر