باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پاكىستانغاF-16 بەلگىلىك ئايروپىلان سېتىپ بەرمەكچى

2016.02.15 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 13- فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پاكىستانغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 دانە F-16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئومۇمىي قىممىتى 699 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان مەشىقلەندۈرۈش، رادار ھەمدە باشقا ئۈسكۈنىلەرنىمۇ سەپلەپ بېرىدىكەن.

  ئامېرىكا مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ سېتىپ بېرىش پىلانى «ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق »دەپ قارىدى.

  پاكىستاننىڭ رەقىبى ھىندىستان مۇنداق دېدى، بۇ ھەربىي قورال سېتىپ بېرىش سودىسىدىن بەك ئۈمىدسىزلەندۇق.

  گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 13- فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان 13- فېۋرال ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ ۋاشىنگتون پىلانلىغان ھىندىستاننىڭ قوشنىسى ھەم رەقىبى بولغان پاكىستانغا ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش ئىشىدىن «ئۈمىدسىزلەنگەن ھەم بىئارام بولغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر