باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيەدە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى رەسمىي تەشكىللەندى

2016.01.21 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە زۇڭلى كومىتېتى 19-يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى رەسمىي تەشكىللەندى، زۇڭلى كومىتېتى شۇ كۈنى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 32 مىنىستىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، نوپۇزلۇق سىياسىيون فايىز سالاجې زۇڭلى بولدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى مارتېن كېپلىر بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى تەبرىكلەپ: مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قورۇش لىۋىيەنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆتكەن يىلى 17-دېكابىر ھاسىل قىلىنغان «لىۋىيە سىياسىي كېلىشىمى»نى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر