- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيە ئاممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى
2016.01.08 09:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە يۈزگە يېقىن شەھەر ئاھالىسى 6-يانۋار كەچتە باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ، ياپونىيە بىلەن كورېيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلماي، ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىدە ئۆزى بىلگەنچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى، ھەمدە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇلار، كېلىشىم بىكار قىلىنسۇن، زىيانكەشلىك قېلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە جىنايىتىنى تونۇشتا پۇلغا تايانماسلىق كېرەك. بەلكى ھەقىقەتكە تايىنىش كېرەك دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ياپونىيە بىلەن كورېيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان سىياسىي كېلىشىمىگە قارشى تۇرۇمىز، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار تۈزۈمى ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىدە قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىشنى، ھەمدە تارىخى پاكىتنى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر