باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇساپىرلار ئولتۇرغان كېمە چۆكۈپ كېتىپ 36كىشى قازا قىلدى

2016.01.07 13:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 5-يانۋار سەھەردە بىر مۇساپىرلار كېمىسى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە گرېتسىيەگە قاراپ ماڭغاندا چۆكۈپ كەتكەن. نۆۋەتتە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 36كىشى سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلدى، قىسمەن قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى دېڭىز قىرغىقىغا چىقىپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇساپىرلار ئىراق، سۇرىيە ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىكەن.

  تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى ئېگىي دېڭىز رايونى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ياۋروپاغا بارىدىغان مۇھىم يولى بولۇپ، سىتاتېستىكىدا دېيىلىشىچە، 2015-يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 400مىڭ مۇساپىر تۈركىيەدىن گرېتسىيە چېگراسىغا قانۇنسىز كىرگەن، 3000دىن ئارتۇق كىشى كېمە چۆكۈپ كېتىش سەۋەبلىك قازا قىلغان. تۈركىيەدە ھازىر قىش پەسلى بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى مىڭلىغان مۇساپىرلار چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئاددىي كونا كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ ياۋروپاغا قاچماقتا.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر