- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز مالىيەسى مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇقلىمىسى راسخوتىدىن 11 مىليارد 21 مىليون يۈەن ئالدىن تارقاتتى
2015.12.28 12:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
2016-يىلى ئەتىيازدا ئوقۇش باشلايدىغان شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيەسى 2016-يىلى ئىككىنچى تۈركۈمدە شەھەر –يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى تولۇقلىما راسخوتىنىڭ 11 مىليارد 21 مىليون يۈەنلىك خامچوتىنى مۇددەتىن بۇرۇن چۈشۈردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم چۈشۈرۈلگەن خامچوت ئاساسلىقى شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرچە ئاممىۋى خىراجەت ئۆلچىمى بويىچە بەلگىلەنگەن، ياتاقلىق مەكتەپلەر، كۆلىمى كىچىك مەكتەپلەر، شىمالىي جۇڭگودىكى پار بېرىلىدىغان رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋى راسخوت تولۇقلىمىسى ھەمدە ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىردەك يىلىغا ئالتە مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئاممىۋى راسخوت تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر