- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ۋەكىلى: سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يولى دەپ تەكىتلىدى
2015.12.24 13:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يولى، شۇنداقلا بۇ سۇرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، سۇرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى پەسەيتىشتىكى تۈپ يول.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى ۋە باشقا ئىجرا قىلىش شېرىكلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ سۇرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىش ھوقۇقىنى بىر يىل ئۇزارتتى.
ۋاڭ مىن قارار ماقۇللانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يولى شۇنداقلا بۇ سۇرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، سۇرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى پەسەيتىشنىڭ تۈپ يولى.
جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، 2254-نومۇرلۇق قارارنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىنچلىققا بىر پۇرسەت بېرىپ، سۇرىيەلىكلەرنى خاتىرجەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر