- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دانىيەنىڭ مۇساپىرلارنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش لايىھەسى تالاش تارتىش قوزغىدى
2015.12.23 13:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 21 -دېكابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 11- ئايدا جەمئىي 5 مىڭ 39 ئادەم دانىيەگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇپ، بىر ئايدا پاناھلىنىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان. دانىيە ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كىرىزىسقا تاقابىل تۇرغان. دانىيەنىڭ كۆچمەنلەر ۋە جەمئىيەتكە سىغدۇرۇش ئىشلىرى ۋەزىرى ستەيىر مۇنداق دېدى، ھازىر ياۋروپا ۋە دانىيەگە كىرگەن مۇساپىرلار بەك كۆپ، دانىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى«بىنورمال»ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر يۈرۈش تەدبىر قوللانمىسا بولمايدۇ. دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لايىھەسى تاراتقۇلار ئارقىلىق خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، نۇرغۇن تور ئەھلى غەزەپلەندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر