باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.12.17 17:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى 16-دېكابىر فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 نۇقتا ئۆستۈرۈپ، %0.25تىن %0.5كە بولغان سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 2006-يىل 6-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى بولۇپ قالدى.

  باياناتتا، بۇ قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشى ھەمدە پۇل پاخاللىقىنىڭ نىشان قىممىتىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، كەڭرى بولغان پۇل سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئېيتىلدى.

  2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى نۆلگە يېقىنلاشقان بەكلا تۆۋەن سەۋىيەدە ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ئىدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر