شۇ يەر ۋاقتى 12-دېكابىر كەچ فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارىژ كىلىمات يىغىنىدا يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمى ماقۇللاندى. كېلىشىم 2020-يىلدىن كېيىنكى يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. شۇ كۈنى كەچتە، « ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمى » دىكى شەرتنامە تۈزۈشكەن 200 گە يېقىن تەرەپ بىردەك « پارىژ كېلىشىمى » نى ماقۇللىدى. كېلىشىم جەمئىي 29 تۈرلۈك بولۇپ، نىشان، ئازايتىش، ماس كېلىش، زىيانغا ئۇچرىتىش، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاشكارىلىقى، يەر شارى بويىچە ئېنىقلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.