باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق تۈركىيە بىلەن ئارىسىدىكى كىرزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىمىز دېدى

2015.12.15 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جافارى تۈنۈگۈن پايتەخت باغداتتا مۇنداق دېدى: ئىراق تۈركىيە بىلەن ئارىسىدىكى كىرزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

  جافارى مۇنداق دېدى: ئىراق باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئىراق زېمىنىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايدۇ، بىز پەقەت ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسىنىڭ ئىراق ھەربىي بازىسىدا بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىغا يول قويىمىز.

  تۈركىيەنىڭ بىر باتالىيون دەرىجىلىك بىرونىۋىك قىسمى يېقىندا ئىراق چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئىشغال قىلىۋالغان ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى موسۇلنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان. ئىراق ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى قوشۇنىنى چېكىندۈرۈشكە كۆپ قىتىم دەۋەت قىلغان، ئىراق زۇڭلىسى ئابادى 11-دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە رەسمىي ئېتىرازنامە سۇنغان. تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوئان 10-دېكابىر: بۇ قىسىمدىكىلەر ئەسكەر ئەمەس بەلكى يېتەكچىلەر، بىز ئۇلارنى ئىراقتىن چېكىندۈرمەيمىز-دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر