باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق تۈركىيە قىسىمىنىڭ 9- دېكابىردىن ئىلگىرى ئىراق تەۋەسىدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلدى

2015.12.09 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جافارى 7- دېكابىر پايتەخت باغدادتا مۇنداق دېدى: ئىراق تەۋەسىدىكى تۈركىيە قىسمى 9- دېكابىردىن ئىلگىرى چېكىنىشى كېرەك . جافارى شۇ كۈنى زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتىردۇنبىرىك بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈركىيە قىسىملىرىغا قويۇلغان چەك 9- دېكابىر كەچتە ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر تۈركىيە قىسىملىرى بۇ ۋاقىتتا يەنىلا چېكىنمەيدىغان بولسا، بىز ھەر قانداق قارار چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقارمايمىز، ھەمدە بۇ ئىش توغرىسىدا ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتقا ئەرز سۇنىمىز. جافارى مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى بايانات ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىغىنى ئالماي تۈرۈپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىراق چېگراسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ بىرونېۋىك قىسىمىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇندىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىراق ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا مەسئۇل بولغان تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مەشقائۇللىرىغا قارىتىلمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر